Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېنېلائوس
دۇنيا تارىخى
(قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سپارتانىڭ پادىشاھى. مېكىناي پادىشاھى ئاترېئۇسنىڭ ئوغلى، ئگامېمنوننىڭ ئۇكىسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئاتىسى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاغا - ئىنى ئىككىسى چېگرىدىن قوغلىنىپ سپارتاغا كەتپۇ. كېيىن ئۇ، سپارتالىق گۈزەل مەلىكە - ھېلېن بىلەن توي قىلىپ، ھېرمىئونې دېگەن قىزغا ئاتا بولۇپتۇ ھەمدە سپارتانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىپتۇ. كېيىن ھېلېننى توريا )كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان( شاھزادىسى پارس ئېلىپ قېچىپتۇ، ئاگامېمونون )ئاللىبۇرۇن مېكىنايغا قايتىپ كېلىپ پادىشاھ بولغان( يۇنانا بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ، روياغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ؛ ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قوشۇندىكى باتۇر ئەزىمەت بولۇپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنىكەن )گومېرنىڭ داستانى <ئىليادا> غا قاراڭ(. ئەڭ ئاخىرى <ياغاچ ئات ھىيلىسى>نى ئىشقا سېلىپ، توريا شەھىرىنى ئېلىپتۇ، ئۇرۇش ئايغالاشقاندىن كېيىن ھېلىن بىلەن سپارتاغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق پادىشاھلىق قىلىپتۇ.