Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېنتانا جېڭى
دۇنيا تارىخى
1867-يىلى 11-ئايدا گارىبالدى باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە پاپا ياللانما قوشۇنى بىلەن قىلغان بىر قېتىملىق جېڭى. 1866-يىلى ئىتالىيە ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان، مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق رىمنى قايتۇرۇۋېلىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. 1867-يىلى 9-ئايدا گارىبالدى ۋەتەنپەرۋەر پىدائىيلار قوشۇنىنى قايتا تەشكىللەپ، رىمغا ھۇجۇم قىلىشقا پائال تەييارلىق قىلغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ بېسىم ئىشلىتىش ئارقىسىدا، گارىبالدىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان، 10-ئايدا گارىبالدى تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، نەچچە مىڭلىغان پىدائىيلارنى باشلاپ رىمغا ھۇقۇم قىلغان ۋە دەسلەپكى جگڭدە غەلىبە قىلغان. ئەمما لوئى بوناپارت فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئەۋەتكەن پاپاغا ياردەم بەرگەنلىكتىن 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پىدائىيلاr قوشۇنى مېنتانا (رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېزا) دىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر چىقىم تارتقان. گارىبالدى قالدۇق قوشۇننى باشلاپ پاپا دۆلىتىنىڭ چېگرىسىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا، ئىتالىەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىپ، يەنە تۈرمىگە تاشلانغان.