Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېناندر
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 342 - 291) قەدىمكى يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۆتكەن كومېدىيە يازغۇچىسى. <يېڭى كومېدىيە> (ئارىستوپان دەۋرىدىكى كومېدىيىگە ئوخشاش بولمىغان) نىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەربابى. ئافىنادا تۇغۇلغان، دادىسى دىئۇپىتېس ھەربىي. ياشلىق دەۋرىدە تاغىسى، كومېدىيە يازغۇچىسى ئالېكىسقا ئەگىشىپ يېزىقچىلىقنى ئۆگەنگەن. پەيلاسوپ ئېپىكورۇس بىلەن تېئوفرا ستوسنى ئۆزىگە دوست تۇتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تەخمىنەن يۈز پەرچە سەھنە ئەسىرى يازغان. كېيىن رىم يازغۇچىلىرىدىن پىلاتوس، تىرېنتوس ئۆزەەرىتپ يېزىپ چىققان ۋە تارقاتقانلىرىدىن باشقا، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىنى پەقەت <دۇنايغا نەپرەتلەنگۈچى> (<تەرسا> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) ۋە <ھۆكۈم قاتارلىقلاردىن بىر قانچە پارچىلار بار. ئۇ، ئەسەرلىرىدە ئەپسانىلەردىكى قەھرىمانلار بىلەن ئەينى زاماندىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرنى سۇژىت قىلماي، بەلكى ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى موزدۇز، دېھقان، مۇزىكانت قاتارلىق ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن، ئىشقى - مۇھەببەت ھېكايىلىرىنىمۇ سۇژىت قىلغان. ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى سۈرەتلەپ، نەپىس مول يۇمۇرلىققا ئىگە بولۇپ،تىلى قانلىق تىلغا يېقىن بولغان. بىراق تاماشىبىنلارنىڭ دىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى جايلىرى قوپالراق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇناندان خېلى كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ رېئال سىياسىتىدىن چەتلەش كەيپىياتى - شەھەر دۆلەت تۈزۈمىنىڭ رايىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. رىم كومېدىيىسى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋردىكى ياۋروپا تۇرمۇش كومېدىيىسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.