Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىللىي كومىتېت
دائىرە: دۇنيا تارىخى民族委员会
mín zú wěi yuán huì
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى چېخوسلوۋاكىيە بۇرژۇئا پومېشچىكلىرىنىڭ پارتىيىسى. ئۇنى 1916-يىلى چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماسارىك ۋە بېنېس قاتارلىقلار فرانسىيىدە قۇرغان. ئۇلار روسىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. 1918-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى پراگا ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلىشىدىن كېيىن، باشقا پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۆپەيتكەن. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى مەزكۇر كومىتېت ۋاقىتلىق مىللىي پارلامېنت دەپ جاكارلانغان ھەمد چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان، ئارقىدىنلا بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان. ماسارىك تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.