Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىللىي گۈللىنىش بايرىمى
دۇنيا تارىخى
民族复兴节
mín zú fù xīng jié
رۇمىنىيىنىڭ مىللىي دۆلەتنى بىرلىشىپ قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. 1858-يىلى 5-ايدا رانسىيە، ئەنگلاىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، تۈركىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى پارىژدا يىغىن ئېچىپ، 8-ئايدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋالاخىيە ۋە مولدوۋا كىنەزلىكىنى مولدوۋا ۋە رۇمىنىيە بىرلەشمە كىنەزلىكى دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن. 1859-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ياسىسى <ئومۇمىي سايلام پارلامېنتى> مىللەتچىلەر نامزاتى ئالېكساندرۇ يان گۇزانى مولدوۋانىڭ كىنەزى قىلىپ سايلىغان. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇخارېست ئومۇمىي سايلام پارلامېنتى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، كۇزانى رۇمىنىيىنىڭ كىنەزى قىلىپ سايلاپ، رۇمىنىيىنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىللىي دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1-ئاينىڭ 24-كۈنى مىللىي گۈللىنىش بايرىمى قىلىنىپ رۇمىنىيە تارىخىغا كىرگۈزۈلگەن.