Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېكماخون
دائىرە: دۇنيا تارىخى麦克马洪
mài kè mǎ hóng
(1808 - 1893) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى (1873 - 1879). ياش ۋاقتىدا سانت سېل ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1827 - 1854-يىلىرى ئالجىرىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. قىرىم ۋە ئىتالىيە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1864-يىلىدىكى ماگېنتا جېڭىدە غەلىبە قازىنىپ، گېرتسوگلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1864 - 1870 يىللىرى ئالجىرىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1870 - 1871-يىللىرىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا بىرىنچى جۈنتۇەنگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولغان، ئاخىر سېداندا تەسلىم بولغان. كېيىن ۋېرسال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغان. 1893-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ، پادىشاھنى قوغدىغۇچىلاr بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1877-يىلى مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان زۇڭلى ژۇل سېموننى ئىستېپا بېرىشكە قىستاپ، ئاۋام پالاتانى تارقىتىپ، 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر يەنە بىر نۆۋەت ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1879-يىلى 1-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىۋالغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.