Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى麦克伦堡公国
mài kè lún bǎo gōng guó
گېرمانىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي مېكېنبۇرگ رايونىدىكى فېئودال كىنەزلىك. بۇ رايون ئەسلىدە سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئوبودىتلارنىڭ زېمىنى. 1160-يىلى ساكسونىيە بىلەن باۋارىيە گېرتسوگى گېنرىخ (ئارىسلان) ئوبدرىتلارنى بويسۇندۇرۇپ، مېكلېنبۇرگنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان؛ 1170-يىلى مۇشۇ ئاسااستا مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى بەرپا قىلىپ، ساكسونىيە ەىرتسوگلۇقىغا قارام قىلغان. 1348-يىلى مۇستەقىل بىر كىنەزلىككە ئايلانغان. 1701-يىلى مېكلېنبۇرگ شىۋېرىن كىنەزلىكى ۋە مېكلېنبۇرگ - سىترېلتىس كىنەزلىكىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1867-يىلى بۇلار شىمالىي ەېرمانىيە فېدېراتسىيىسىگە قاتناشقان. 1871-يىلى يەنە قوشۇلۇپ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.