Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېھرىگىياھ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى ئوزۇق قىلىنىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ،
قالپىقى بۆرەك شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر، قالپاق يۈزىدە ھالقىسىمان سىزىقلار بولۇپ، پارقىراق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئۇيقۇنى ياخشىلاش، مەست قىلىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1.0 - 3.0 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى شارابقا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، قاتتىق مەست قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ تامچىلىتىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
مېھرىگىياھنى مۇقەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى كاسىنە بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ھەسەل ياكى زەيتۇن بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى پەسەيتىدۇ.
مېھرىگىياھ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، گۆشخور ۋە يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەر تۈرلۈك ئىششىقلارنى تارقىتىپ، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى يۇمشاق ئېزىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچىپ بەرسە، دائۇلپىل (پۇت ياكى پاچاقلار ئىششىپ، پىلنىڭ پاچىقىغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشى) غا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، سەپكۈننى يوقىتىپ، قاپارتقۇ پەيدا قىلمايدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ سۈتىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى سەپكۈن ۋە قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
تۆت گرام مېھرىگىياھنى يەككە ھالەتتە ياكى تاماق، نان ياكى تالقان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىشىنى ھېچنەرسىنى سەزمەس
ھالەتتە ئۇخلىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
«جۇڭيى دورىلىرى شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان مېھرىگىياھ كۆپىنچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭبەيشەن رايونى ئەتراپىدىن چىقىدۇ. ئۇ جۇڭگودىكى «شەرقىي شىمالنىڭ ئۈچ گۆھىرى» (مېھرىگىياھ، بۇلغۇن تېرىسى، بۇغا مۈڭگۈزى) نىڭ بىرى بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر.
مېھرىگىياھ ئارالىيە (شەيتان دەرىخى) ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن40 −50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ. گۈلى كىچىك، يازنىڭ باشلىرىدا سارغۇچ يېشىل چېچەكلەيدىغان بولۇپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى غول ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق يۇمىلاق شەكىلدە، چوڭلۇقى پۇرچاقچىلىك بولۇپ، كۈزدە ئوچۇق قىزىل شىرنىلىك مېۋىگە ئايلىنىدۇ، ئىچىدە ئىككى تال ئۇرۇقى بولىدۇ. يەر ئاستى قىسمىدا ئۇرچۇق شەكىللىك ھەم گۆشلۈك ئوق يىلتىزى بىلەن تارماق شاخچە يىلتىزلىرى بولۇپ، شەكلى خۇددى سېمىز بالىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، يەرلىك ئادەملەر ئۇنى «ئادەمگىياھ» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
ياۋا تاغ مېھرىگىياھى كۆپىنچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، يورۇقلۇق مەزگىلى ئۇزۇن، تۇپرىقى مۇنبەت تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، تېپىش تەس، دورىلىق ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق.1981 - يىلى8 - ئايدا جىلىن ئۆلكىسى چاڭبەيشەن رايونى ۋۇسۇڭ ناھىيىسىدىكى تۆت نەپەر دېھقان قەدىمكى ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر تال يۈز يىللىق ياۋا مېھرىگىياھنى تېپىۋالغان. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى287 گرام، ئاساسىي تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .9 سانتىمېتىر بولغاچقا، «مېھرىگىياھ شاھى» دەپ ئاتىغان.
سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن مېھرىگىياھ «باغ مېھرىگىياھسى» دەپ ئاتىلىپ ئومۇمەن ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن يىغىۋېلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ياۋا تاغ مېھرىگىياھىغا يەتمەيدۇ.
مېھرىگىياھ جۇڭيى دورىگەرلىكىدە تەننى قۇۋۋەتلەش دورىسى قىلىنىپ، ئۇزۇن مەزگىل كېسەل تارتىپ كوللاپىس بولۇپ قالغان، قان كۆپ چىقىپ كەتكەن، كۆپ قۇسۇپ ئىچى سۈرگەن خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ زېھنىنى ئېچىش قاتارلىق كارامەت ئۈنۈملىرىمۇ بار.
مېھرىگىياھ تەركىبىدە كۆپ خىل ساپونىن، مېھرىگىياھ ئىسپىرتى، مېھرىگىياھ كىسلاتاسى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى، قەنتلەر، ۋىتامىنلار، فىيتوستروللار ۋە ئۇچۇپان ماي قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش؛ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئۆسمىگە (راكقا) قارشى تۇرۇش؛ چوڭ مېڭە، يۈرەك، تومۇرلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ شۇنىڭدەك ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكسىيىسىنى غىدىقلاش؛ مېتابولىزمنى قوزغىتىش ۋە چارچاشقا كۆرۈنەرلىك قارشى تۇرۇشتەك روللارغا ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە يەنە «مېھرىگىياھ شورپىسى» ئارقىلىق سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «جان قۇتقۇزغۇچى شورپا» دېيىشىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە مېھرىگىياھنىڭ يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن پىششىقلاپ قېنىق قوڭۇر رەڭگە كەلتۈرۈلگەن «خۇڭ سېن (قىزىل مېھرىگىياھ)»، سارغۇچ ئاق رەڭلىك «شىڭ شەي سېن (ئاپتاپقا قاقلانغان خام مېھرىگىياھ)» ۋە «بەي سېن (ئاق مېھرىگىياھ)» ھەمدە ئاق شېكەرگە چىلانغان «تاڭ سېن (قەنتلىك مېھرىگىياھ)» قاتارلىقلار بار. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، مېھرىگىياھ تەركىبىدىكى شىپالىق رول ئوينايدىغان ئاساسلىق تەركىب مېھرىگىياھ ساپونىنى ئىكەن. مېھرىگىياھ گۈلىنىڭ تەركىبىدىكى ساپونىن مىقدارى يىلتىزنىڭكىدىن بەش ھەسسە، يوپۇرمىقىدىكى ساپونىن مىقدارى يىلتىزنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. فارماكولوگىيىلىك تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مېھرىگىياھنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق، گۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە روشەن ھالدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە قارشى تۇرۇش، ھارغىنلىق ۋە چارچاشقا قارشى تۇرۇش رولى بولىدىكەن. مېھرىگىياھ گۈلىنىڭ تەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچەيتىش رولى مېھرىگىياھ يىلتىزىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
موگونىڭ بىر خىلى، قالپىقى بۆرەك شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر، قالپاق يۈزىدە ھالقىسىمان سىزىقلار بولىدۇ، پارقىراق كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە قۇۋۋەت دورىسى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا ئوقۇتقۇچىلار ھاياتى تېما قىلىنغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياش ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ، تاغلىق يېزىنىڭ جاپالىق شارائىتى، خەلقنىڭ ئاڭسىز، نادانلىقىغا قارىماي جاپاغا چىداپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قەيسەرلىكىگە تاينىپ، ئاشۇ يېزىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپالىق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر قالاق - مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئۈستىدىن ماھىرلىق بىلەن غەلبە قىلىپ، يىراق تاغلىق يېزىدا مەكتەپ ئېچىپ، ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. يازغۇچى رومانىدا بارلىقىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى - ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە، خەلقىمىزنى نادانلىقتىن، قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنى ياراتقان.