Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېھمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قونۇق، مېھمان:
ئۇمىد ئىلە بولدۇم ئاڭا مېھمان،
بولۇپ لۇتف بىرلە ماڭا مىزبان.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكلىپ قىلىنغان، ئۆزى يوقلاپ كەلگەن، سەپەر ئۈستىدە چۈشۈپ ئۆتكەن كىشى.
مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ. مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆپ سىنار. چاقىرىلمىغان مېھمان قېرى قىزىنمۇ يامان. ئۆزى كەلگەن قوناق - خۇدايى قوناق. قوناق قۇت كەلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىراۋنىڭ ئۆيىگە چاي، زىياپەت، تويغا كەلگەن كىشى.
ساھىبخان، ئۆي ئىگىسى
كەلگەن مېھماننى كۈتۈۋالغۇچى.
مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ. قوناق كەلدى - قۇت كەلدى. مېھمان مەست بولسا كەيىپ، ساھىبخان مەست بولسا ئەيىب. ئۆي ئىگىسى كۆڭۈلسىز بولسا، مېھمان ئۆيگە سىغماس. چاقىرىلمىغان مېھمان ئوغرىدىنمۇ يامان. ئۆزى كەلگەن مېھمان - خۇدايى مېھمان، قىچقارغان مېھمان - بالايى مېھمان. تاماق ئۆي ئېگىسى بىلەن تاتلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
توي، چاي، زىياپەت، يىغىلىش قاتارلىقلارغا چاقىرىلغان ياكى مۇشۇنداق مۇناسىۋەت بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان كىشى.
مېھمان بولماق. مېھمان قىلماق.
- چولپانگۈل، مېھمانلىرىمنى كۈتۈۋال! - دېدى ئۇ غەرق مەست ھالەتتە توۋلاپ.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، سەلەي قاسىمنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1993 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <مېھمان>، <شاپائەت>، <بوۋام قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدۇ>، <شۇنداقمۇ ئادەم بولىدىكەن> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
مىمان، مىمانجان، مىمانقىز، مىمانگۈل
بۇ ئىسىمدىكى <مېھ>: نۇر مەنىسىنى، <مان>: ئۆي مەنىسىنى بېرىدۇ. بىر پۈتۈن مەنىسى: ئۆينىڭ نۇرى، ئۆينىڭ بەرىكىتى، ئۆينىڭ گۈلى دېگەنلىك.