Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەۋسۇم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
داغلاش ياكى يېزىش بىلەن بەلگەن قويۇلغان نەرسە؛ ئىشارەتلەنگەن، ئالامەتلىك، بەلگىلىك؛ ئاتاق ئالغان، ئات چىقارغان، داڭدار؛ مەۋسۇم بولماق - ئات قويۇلماي، ئاتالماق، ناملانماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يىلنىڭ مەلۇم پەسلى ياكى ۋاقتىدا بولىدىغان ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىش دەۋرى.
تېرىقچىلىق مەۋسۇمى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەۋسۇمى.
<ئاستر> كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، چۈش ۋاقتىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ تىك - يانتۇلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئايرىپ چىقىلغان ۋاقىت بىرلىكى.
<ئاستر> بىر يىلنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى پەسىل.
باھار مەۋسۇمى، ياز مەۋسۇمى.
<مائار> بىر ئوقۇش مەۋسۇمى.
كۆچمە. دەۋر، مەزگىل، چاغ.
قىرىقتىن ھالقىدىم مەنمۇ، يىگىتلىك مەۋسۇمى ئۆتتى، ھايات ۋادىسىدىن كەزدىم. بېشىمدىن قانچە ئىش ئۆتتى.