Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلار ھەققىدە: ئېپەتلىك، پاك.
<مەستۇرە>، <ئەركەك چىۋىن قونمىغان>، <ئانىسى سۆيمىگەن> قىزلار ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
مامۇت ئاخۇن خوتۇنىنى مەستۇرە قىلىۋاپتۇ، سىرتقا چىقارمايدىكەن. رۇقىيخان روپاچ مەجلىسكە كەلمەيدۇ، كەلسىمۇ يۈزىنى يېپىۋالىدۇ. مەرىپەت - مەسۇم قىز. ھېپىزەم ئەركەك چىۋىن قونمىغان قىز. ئايزىمخاننى دەمسەن، ئۇ قىز ئانىسىمۇ سۆيمىگەن قىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. بىگۇناھ، گۇناھسىز، پاك، تازا، سەمىمىي.
شەۋكەت دىلبەرنىڭ مەسۇم كۆڭلىنى بىھۇدە ئازابلىماسلىق ئۈچۈن، بېشىنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يانغا بۇرىدى - دە، كۆزى ۋە مەڭزىدىكى ياش مۇنچاقلىرىنى سۈرتۈۋالدى.
سۈپ. نومۇسچان، نومۇسلۇق؛ ئىپپەتلىك.
مەسۇم قىز.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<مەئسۇم>