Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەرتىۋە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇن، ئەمەل.
مەرتىۋىسى ئۆسمەك. * مەرتىۋىسى چۈشمەك.
يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقسا پەس كىشى،
پەلەك ئەقىل بەرمەس، پەسلىك قىلمىشى.
* * *
مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسن قوشماس،
ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسن قوشار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
قېتىم، مەتەم، رەت نۆۋەت (كونىرىغان سۆز).
مەن ساڭا نەچچە مەرتىۋە ئېيتتىم، ئاڭلىمىدىڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت - ھۆرمەت؛ مەنسەپ - ئەمەل.
<ھەسەب> كەم قوللىنىلىدۇ.
مەرتىۋىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، ئەخلاقنىڭ كەملىكىدىن ئەنسىرەش كېرەك. تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان قىز - يىگىت نەسەبتە باشقا، ھەسەبتە تەڭ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا ئېرىشكەن ئابرۇي، ئېتىبار، نوپۇز؛ ئىناۋەت.
ئۇ ئۆزىنىڭ قارنى - كۆكسىنىڭ كەڭلىكى، توغرا سۆزلۈكلۈكى بىلەن كىشىلەر ئىچىدە مەرتىۋە قازاندى.
مەنسەپ، ئەمەل.
مەرتىۋىسى ئۆسمەك. مەرتىۋىسى چۈشمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئەرەبچە
قېتىم، نۆۋەت، مەرتە.
زاسۇيپەز سادىقنى بىرئىككى مەرتىۋە چاقىرىپ، ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، ئاستا بېرىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.