Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەرتەم مەرتەم ئۈچ مەرتەم
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بەزىبىر ئىشلارنى ئۈچ قېتىم قىلىشقا بولىدىغانلىقى ياكى ئۈچ قېتىمغا يول قويىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئادەت سۆزى: دادىسى بالىسىنىڭ بۇ ئىشىغا ناھايىتى خاپا بوپتۇ، ئىچىدە: «بوپتۇ، مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن، يەنە بىر مەرتەم ئەۋەتىپ كۆرەي، ئەگەر يەنە شۇنداق قىلسا، ئاندىن ھەيدىۋېتەي» دەپ ئويلاپتۇ. يەنە مىڭ تىللا بېرىپ ئۈچىنچى قېتىم يولغا ساپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بەزىبىر ئىشلارنى ئۈچ قېتىم قىلىشقا بولىدىغانلىقى ياكى ئۈچ قېتىمغا يول قويۇلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئادەت سۆزى.
بوپتۇ، مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن. يەنە بىر مەرتەم ئەۋەتىپ كۆرەي.