Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەركىزىي ھۈجەيرە
بىئولوگىيە
تۆرەلمە خالتىسىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۇخۇمدان بىلەن تەتۈر پۇت ھۈجەيرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدۇ، تۆرەلمە خالتىسىنىڭ كۆپ قىسىم بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ بىر دانە چوڭ تىپتىكى ۋاكۇلىلاشقان ھۈجەيرە بولۇپ، ئىچىدە ئىككى يادرو بولىدۇ، ئۇلار قۇتۇپ يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ (بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇتۇپ يادروسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ). قۇتۇپ يادرولر ئۆزئارا چىڭ بىرىكىدۇ، ياكى قوشۇلۇپ بىردانە كېيىنكى يادرونى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۈجەيرە يېتىلىپ تۆرەلمە سۈتىگە ئايلىنىدۇ.