Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەركىزىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
فىزىكا
مەركەزگە ئائىت، مەركەزدىكى.
مەركىزىي نۇقتا.
مەركىزىگە، دەل ئۇتتۇرىسىغا جايلاشقان.
شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونى. مەركىزىي كوچا.
ئاساسىي، ئاساسلىق، مۇھىم؛ نۇقتىلىق.
مەركىزىي مەسىلە. مەركىزىي خىزمەت.
ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنى باشقۇرىدىغان؛ باش.
مەركىزىي ھۆكۈمەت. مەركىزىي ئورگان. مەركىزىي كومىتېت.