Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەرھەمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەھىمدىللىق، شەپقەت، ئىلتىپات:
بەيان ئەيلەسە مەسئەلە مەرىپەت،
خېرىدار بولۇپ قىلمادىڭ مەرھەمەت.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەھىم، شەپقەت، ئىلتىپات؛ ئېچىنماق، ئايىماق، كەڭچىلىك قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەت يۈزىسىدىن قىلىنغان ياخشىلىق.
مەرھەمەت ھەددىدىن ئاشقان زامان، شۈكۈرمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ بىگۇمان. شادلىقنىڭ مېۋىسى ھىممەتتۇر، ھىممەت، ھاياتنىڭ مېۋىسى ھىممەتتۇر، ھىممەت. خىيانىتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. قىلىنغان ئىلتىپات، رەھىم - شەپقەت، ھىممەت، ياخشىلىق.
مەرھەمەت قىلماق. مەرھەمەت كۆرسەتمەك.
ئىم <كەلسىلە، ئىلتىپات قىلسىلا> دېگەن مەنىدە تەكەللۇپنى بىلدۈرىدۇ.
- قېنى قىزلار، خادىكقا مەرھەمەت، - دېدى ئۇ، قىزلارغا قاراپ.
ئىم. بىرەر ئىشقا قارىتا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئالتۇن، تىللا بىلەن چىشىڭىزنى قاپلاتماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت...، - دېدى ئۇ ھېلىقى ئايالغا.