Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەردۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئادەم، كىشى، خەلق.
كۆز قارىچۇقى:
مۇھەببەتنامە يازدىم قانلىغ ئەشكىمدىن مىداد ئەيلەب،
ئاڭا كۆز مەردۇمىن بەل مۇزمەرئەتتىم ئېئتىقاد ئەيلەب.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىشىلەر، ئادەملەر، خەلق، ئەلكۇن؛ كىشىلىك، ئىنسانىيەت؛ مەردۇملۇق - ئىنسانلىق؛ سەمىمىلىك، ئادەمگەرچىلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەملىكەت، يەرنىڭ ئاھالىسى، ئادەملەر توپى.
خەلقنى خارلىغان بىلەن دوست بولغان ئۆزىمۇ خار بولار. خەلقنىڭ ئوي _ پىكرى يەردىنمۇ قېلىن. ئەلنى يىغلاتقان كۈلمەس. ئەلگە كىرسەڭ ئېلىېڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.