Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەردلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باتۇر - قەھرىماننىڭ ئىش - پائالىيىتى، خىسلىتى.
ئۆلۈمگىمۇ باتۇرلۇق كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆلگەن يىگىتىكە ئانىسى يىغلىماس قەھرىمانلىق بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. قەيسەرلىك بەخىتكە باشلايدۇ. تەقدىرمۇ قەيسەرلىكنى قوللايدۇ. مەردلىك _ مەرھەمەتلىك ئىش. جەسۇرلۇق ئۇلۇغ خىسلەت. جەسۇرلۇق زوراۋانلىقنى يېڭەر. ئەقىللىقنىڭ جاسارەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئىشنى غەيۇرلۇق بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قورقۇمسىزلىق، ھېچنېمىدىن ئايانماسلىق.
مەردلىك - مەڭگۈلۈكنىڭ تەڭدىشى. مەردانىلىك بىلەن ياشىغان ئارمانسىز كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەرد كىشىلەرگە خاس مىجەز - خاراكتېر ياكى ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت.
مەردلىك قىلماق. مەردلىك بىلەن قۇربان بولماق. مەردلىك بىلەن پۇل خەجلىمەك.