Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنبە ۋە ئىسكىلات
بىئولوگىيە
فوتوسىنتېز جەريانىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىغان مەھسۇلات ئادەتتە يوپۇرماق ئىچىدە ھاسىل بولىدۇ. بىراق يوپۇرماق ئالىقىنى ئۆسۈملۈكنىڭ ئورگانىك ماددىلارنى سەرپ قىلىدىغان ئۆسۈش رايونىدىن يىراق تۇرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئۆسۈملۈكككە ماددا بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھەممىسىنى ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەيدىغان <مەنبە> ۋە ئوزۇقلۇق ماددىنى سەرپ قىلىدىغان ياكى زاپاس ساقلايدىغان <ئىسكىلات> قا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككىسى توشۇش سىستېمىسى ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. مەنبە بىلەن ئىسكىلات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان ماددىنىڭ تەقسىملىنىش ۋە توپلىنىش مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلىدۇ. مەنبە (مېتابولىزم مەنبەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئورگانىك ماددىلارنى ياسايدىغان ياكى چىقىرىپ بېرىدىغان ئورۇن ۋە ئورگاننى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماق. ئىسكىلات (مېتابولىزم ئىسكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) توشۇپ چىقىرىلغان ماددىلارنى قوبۇل قىلىدىغان، يەنى ئورگانىك ماددىلارنى سەرپ قىلىدىغان ياكى زاپاس ساقلايدىغان قىسىم ۋە ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، غول ئۇچى، يىلتىزنىڭ بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسى، مېۋە ۋە ھەرخىل زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلمىلار (تۈگۈنەك غول، تۈگۈنەك يىلتىز). مېتابولىزم مەنبەسىدە بىر خىل <ئىتتىرىش كۈچى> بار بولۇپ، ئۇ ئېشىندى ئاسسىمىلياتسىيە ماددىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئىتتىرىش كۈچى ئەمەلىيەتتە تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. ئاسسىمىلياتسىيە مەھسۇلاتىنىڭ مېتابولىزم ئىسكىلاتىغا توشۇلۇشىدا، ئىتتىرىش كۈچىدىن باشقا، مېتابولىزم ئىسكىلاتىنىڭ يەنە بىرخىل <تارتىش كۈچى> بولىدۇ. بۇخىل تارتىش كۈچى مېتابولىزم كۈچىنىشىدۇر. ئومۇمەن، ئۆسۈشى بىرئاز كۈچلۈك، مېتابولىزمى ياخشى، نەپەسلىنىش سەرپىياتى زور بولغان قىسىملارنىڭ تارتىش كۈچىمۇ بىرئاز زور بولىدۇ. ئۆسۈملۈك ئىچىدىكى بۇ خىل تارتىش كۈچى رىقابەت ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆسۈملۈكتىكى <مەنبە> نىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە مۇمكىن قەدەر فوتوسىنتېز يۈزىنى كېڭەيتىدۇ. <ئىسكىلات> نىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇقەررەر ھالدا <مەنبە> نىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ماسلىشىپ، يۇقىرى مەھسۇلاتقا يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.