Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنبە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە مەنىدە: ئىلىم - مەرىپەت، پەن - مەدەنىيەت تارقىتىدىغان جاي، نەرسە.
قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە قاراخانىلار زامانىدا مەرىپەت ئوچىقى ئىدى. ئىنقىلاپ بۆشۈكى يەنئەن كېيىنكى يىللاردا كۆپ گۈللەندى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئومۇمىي مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى. كىتابنى سۆي، ئۇ - بىلىم بۇلىقى. شىنجاڭ تىببىي شۆيۈەن تىببىي خادىملارنى تەربىيلەيدىغان يۇرت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ئېلىنىدىغان، چىقىدىغان، باشلىنىدىغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي، قۇرۇلما ۋە شۇ قاتارلىقلار.
خام ئەشيا مەنبەسى. سۇ مەنبەسى. گاز مەنبەسى. ئېلېكتر مەنبەسى.
بىرەر نەرسە، ئىش - ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئامىل، سەۋەب، نەرسە قاتارلىقلار.
دارامەت مەنبەسى. ئىجاد مەنبەسى. ئىلھام مەنبەسى.
مەلۇمات، خەۋەر قاتارلىقلار ئېلىنغان جاي ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئەسەر، ھۆججەت ۋە شۇ قاتارلىقلار.
قەدىمكى تۈرك يېزىقىغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەر.