Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەجبۇرلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنى بىرەر ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا قىستىماق.
خورازنى تۇخۇم تۇغۇشقا، ئۆردەكنى تۇخۇم بېسىشقا زورلىما. زورلىغاننىڭ زورى بار، ئىسسىق ناننىڭ ھورى. كۆزنى يۇمۇشقا مەجبۇرلىغىنىڭ بىلەن ئۇيقۇغا كېتىشكە زورلىيالمايسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قانداقتۇر بىر ئىش - ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشقا زورلىماق، مەجبۇر قىلماق.
ئۇلار مېنى ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىدى.