Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەجبۇرىيەت ۋەسىيەتنامىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئاتا - ئانا ئورنىدا ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپىنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1946 - يىلى مىسىردا ماقۇللانغان <ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىش قانۇنى> دا مۇنداق بەلگىلەندى: ۋارىسلىق قىلىغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېتىم نەۋرىلىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز سالاھىيىتى بىلەن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىچىدىكى ئۆزى ئېلىشقا تېگىشلىك نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. ئەگەر ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرمىغان بولسا، شەرىئەتتە ۋەسىيەت قالدۇرۇلغان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا <قۇرئان كەرىم> نىڭ ناسىخ ئايىتى <... ئاتا - ئانىسىغا ۋە خىش - ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى ...> (2 - سۈرىنىڭ 180 - ئايىتىدىن) توغرىسىدىكى ئەمرىمەرۇپ ئاساس قىلىنىدۇ. لېكىن، مىسىردىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىجتىھاد روھىغا ئاساسەن بۇنى يېڭىۋاشتىن ئىزاھلاپ تىكلەپ چىقتى.