Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھسۇل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھاسىل بولغان ئېرىشىلگەن؛ نەتىجە، مېۋە؛ مەھسۇلات.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھاسىل بولغان، نەتىجە، مېۋە، ئۈنۈم تۇغۇندا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسە.
ماقال - مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى؛ سانائەت مەھسۇلاتلىرى. مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەش بىزنىڭ فاڭجېنىمىز. تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغا كاپالەت بېرىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىش، پائالىيەت، مېھنەت قاتارلىقلاردىن يارىتىلغان مېۋە؛ نەتىجە.
بايلىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى.
تالانت - قابىلىيەت ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى.