Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھفىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىغىلىش، ئولتۇرۇش:
سورۇن، بەزمە:
1. كىمكى بۇ مەھفىل ئىچىدە قىلدى دىلبەردىن ھەرىس،
گوييا كەلتۈردى بولغايكىم پەيەمبەردىن ھەدىس.
زەلىلى.
2. چۇ ئول ۋەقت مەھفلىگە تەگدى سەبا،
چۈگەردۇن ھىجابىنى قىلدى رەھا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جاي، مەنزىل؛ توپلىنىش جايى، سورۇن، مەجلىس، بەزم؛ ئۆمەك، ئۇيۇشما، جەمئىيەت؛ مەھفىل ئارا - بەزمىنى قىزىتقۇچى.