Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىگىت تەرىپىدىن نىكاھلىنىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان نەق پۇل، ما؛ مەھر ھەققى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تويلۇق، تويلۇق مال، قالىن مال(ئوغۇل تەرىپىدىن قىز تەرەپكە تۆلىنىدىغان پۇل ياكى مال بولۇپ، بىر قىسمى نەق، قالغىنى كېيىن يەنى ئاجراشقاندا تۆلىنىدۇ) مەھرى مەججەل - نەق بېرىلگەن تويلۇق، قالىن؛ مەھرى مۇئەججەل - كېيىنگە قالدۇرۇلغان تويلۇق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئادەتكە ئاساسەن يىگىتنىڭ نىكاھدىن بۇرۇن ياكى نىكاھدىن كېيىن قىزغا بېرىدىغان تويلۇقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسىدە پۈتۈشكەن مەھر ۋە پۈتۈشمىگەن مەھردىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. قەدىمكى فەقىھلەر مەھرنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى 10 تەڭگە (ھەنەفىيە ئىلمى ئېقىمى) ياكى ئۈچ تەڭگە (مالىكىيە ئىلمى ئېقىمى) قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەت بولۇپ، يىگىتنىڭ قىزغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ھۆرمىتى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مەھرنى پۈتۈشمىگەن نىكاھمۇ نىكاھ سەھىھ دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان شەرىئىتىدە ئالىدىغان مەھرگە مەلۇم چەك قويۇلىدۇ.