Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەھدى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھىدايەت ئىگىسى(ئىسلام دىنىدىكى ئون ئىككى ئىمامنىڭ بىرى).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ھەق يولغا باشلانغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىدا ئارزۇ قىلىنغان «نىجاتكار» غا ئىشلىتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيىتىشىچە، زامانىي ئاخىر بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىملىك بىرەيلەن دۇنياغا كېلىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىدىكەن. شىئە مەزھىپى بۇ سۆزنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىدىكى مىسسىيە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەھلى ئىمان ئىچىدە نىجاتكارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى بىر خىل ئىدىيىنى كەڭ تارقاتقان. يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا، يەمەنلىك يەھۇدىي ئابدۇللا بىننى سەبەئ (تەخمىنەن Ⅶ ئەسىردە ئۆتكەن ئادەم) ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھوكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەلىنى ئىلاھلاشتۇرغان. دەسلەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ روھى ئالمىشىدىغانلىقىنى، ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ روھىنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. كېيىن شىئە مەزھىپىدىكىلەر بۇ سۆزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن مەھدىگە روھ ئالمىشىدۇ، كىشىلەر كۈتكەن «غايىب» بولغان ئىمام زامانىي ئاخىر بولۇشتىن ئىلگىرى كىشىلەر ئارىسىغا قايىتىپ كېلىپ، دۇنيادا ئادالەتنى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىقنى يوقتىپ، ھەقىقىي ئىسلام دىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «ئاسايىش - گۈللەنگەن دۇنيا» نى ئىدارە قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ غايىب ئىمامنى تاللاش ھەققىدىكى سۆزلىرى پەرقلىنىپ، بىر نەچچە تارماق مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. سۈننىي مەزھىپىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىچىدە مەھدى ئىدىيىسى كېيىنرەك پەيدا بولدى. لېكىن بۇ ئىدىيە روشەن ئەمەس. ئۆزىنى مەھدى دەۋالىدىغانلار پات - پات پەيدا بولۇپ تۇردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يول كۆرسىتىلگەن، يول تاپقان، توغرا يول تاپقۇچى