Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماختىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىل بىلەن تەرىپلىمەك.
<مەدھىيلىمەك>، <مەدھىيە ئوقۇماق> ئىجابىي مەنىدە، ئۇلۇغ ئادەم ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە خاس.
<كۆككە ئۇچۇرماق> سەلبىي مەنىدە.
ماختىغان قىز تويىدا چىچار. ماختىغان قىز مالخايغا چىقىرىپتۇ. خېرىدار تاللايدۇ، سودىگەر داڭلايدۇ. سەن ئۆزۈڭنى داڭلىما، كىشىلەر سىنى داڭلىسۇن. داملىغىلى يات يەر ياخشى. مەدھىيلىسەڭ ئۇلۇغنى مەدھىيلە، چاكىنىنى مەدھىيلەپ، چاكىنا بولما. شەخسكە مەھىيە ئوقۇماق - شەخسكە چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارمىغاي. ماختاپ كۆككە ئۇچۇرساڭمۇ نادان ئۆز قەدىرىنى بىلمەس. دانا دۈشمەن ئۇچرار كۆككە ھامانى، يەرگە ئۇرار دوست بولسا نادان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياخشى سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەك.
تىللىماق، سۆكمەك ، دادلىماق، كەمسىتمەك، يەرگە ئۇرماق
يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە. ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. بەزىلەرنىڭ ماختىغىنى دادلىغىنىدىن يامان. ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە دادلاپتۇ. داملىغىلى يات يەر ياخشى. ئېشەك قۇلىقىنى داڭلار. شىيلىغانغا شىر كۆنۈك. يارىمنىڭ تىللىغىنى - چىللىغىنى. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، ھاراق ئىچكەندە سۆيۈپتۇ. ماختىغاننى كەمسىت، تىللىغاننى ماختا. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ گەپ قىلماق، ياخشى قىلىپ كۆرسەتمەك.
دوست كەينىڭدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار (ماقال).
ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ (ماقال).