Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماخمۇد
دۇنيا تارىخى
(971 - 1030) يەنى، سۇلتان ماھمۇت غەزنەۋى. غەزنە خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى (998 - 1030). تەختتە ئولتۇرغان مەززگىلدە چەتكە قارشى جازا يۈرۈش قىلىپ تۇرغان. مىلادى 999 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن بىللە سامانىيلار خاندانلىقىنى يوقاتقان. 1001 - يىلدىن باشلاپ، 26 يىل ئىچىدە، ھىندىستانغا 17 قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋە پەنجاپ قاتارلىق جايلارنى ئالغان؛ ھەدەپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە تالان - تاراج قىلغان. ئاۋات كانياكوبجا شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. گوجارات شتاتىدىكى باياشات شەھەر سومنات شەھىرىدىكى سىۋا بۇتخانىسىنى تالان - تاراخ قىلغان. 1008 - يىلى بەلخ دېگەن يەردە قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلى، ئۇنىڭ تاجاۋۇزىنى توسىغان. 1017 - يىلى خارەزىمنى بويسۇندۇرغان. غەربكە قاراپ ئىلگىرلەپ بۇيىخ خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، لەييىن، ئىسفاھان قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى قوغداش ئۈچۈن، ئوردىغا نۇرغۇن ئاتاغلىق ئالىملار ۋە شائىرلارنى توپلىغان ھەمدە پايتەخت غەزنەدە سەلتەنەتلىك مەسچىت سالدۇرغان. بۇ چاغ غەزنەۋىيلەر خاندانلىقىنىڭ تازا گۈللەپ ياشنىغا مەزگىلى ئىدى.