Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماۋسولۇس قەبرىسى
دۇنيا تارىخى
كىچىك ئاسىيادىكى كارىيە پادىشاھى ماۋسولۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 353) نىڭ قەبرىسى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پايتەخت خالىكارناسسوستا ياسالغان. يۇنانلىق ئارخېتىكتور پىتىئوس قاتارلىق كىشىلەر لايىھىلەپ ياساتقان. قەبرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 39 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 33 مېتىر، ئېگىزلىكى 50 مېتىر. قەبرە سۇپىسى چىرايلىق ئاق مەرمەر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، تۆت ئەتراپىدىكى 36 تال ئىئونىيىچە تۈۋرۈك ئېھرام شەكلىدىكى گۈمبەزنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. پادىشاھ ماۋسولۇس بىلەن خانىكە ئارتېمىسىيەنىڭ تۆت ئاتلىق جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگەن ھەيكىلى قەبرىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان. بۇ قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە ئاجايىپ مەنزىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان. لاتىنچە <قەبرە> دېگەن سۆز ماۋسولۇستىن كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 262 يىل ئىلگىرى ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ كەتكەن. ئارخېئولوگلار قەربىنىڭ خارابىسىنى قازغاندا، لەھەتكە پادىشاھنىڭ تاش تاۋۇتى قويۇلغان.