Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماۋەردى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ ھەسەن ماۋەردى، 972 - 0581)فەقىھ. بەسرەدە دۇنياغا كەلگەن. شافىئىييەنىڭ ئىلمىي فىقھەسىگە پىششىق. نۇرغۇن شەھەرلەردە قازى بولغان. 1037 - يىلىدىن 1038 - يىلىغىچە باغداتتا قازى بولۇپ، قازى قۇزات دەپ ئاتالدى. كېيىن خەلىپىگە مەسلىھەتچى بولۇپ، قازىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئارىلاشتى. سالجۇقىيلار سۇلتانلىقىغا كۆپ قېتىم ئەلچى بولۇپ باردى. خەلىپىنىڭ تەكلىپى بىلەن يازغان <سۇلتاننىڭ ئەمرى> ناملىق ئەسىرى ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي تەلىمات توغرىسدىكى نەزەرىيىۋى يەكۈن بولۇپ، كېيىنكى فىقھە نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.