Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماۋروئىس
دۇنيا تارىخى
莫鲁瓦
mò lǔ wǎ
(1885 - 1967) ئەسلى ئىسمى ئېمىلې ھېرزوگ. فرانسىيىلىك يازغۇچى. فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1938). بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە تۇرۇشلۇق ئالاقىچى ئەمەلدار بولغان. 1918-يىلى تۇنجى ئەسىرى بولغان <پولكوۋنىڭ بلانبورنىڭ سۈكۈت قىلىشى> نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭدا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ياخشى باھاغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا تۇرغان، 1946-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن شېللېر، بايرون، دىسىرائېلى، تۇرگېنېۋ ۋە ۋولتېر قاتارلىق كىشىلەر توغرىسىدكى خاتىرىلە ۋە ئوبزور خاراكتېرلىك ئەسىرى <توي، دوستلۇق، بەخت>، <ئەدەبىيات ھەققىدە تەتقىقات> قاتارلىقلار بار. تارىخ جەھەتتىكى ئەسەرلىرىدىن <ئەنگلىيە تارىخى>، <ئامېرىكاتارىخى>، <فرانسىيە تارىخى> قاتارلىقلار بار.