Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماۋروكورداتو
دۇنيا تارىخى
马夫罗科达达托
mǎ fū luó kē dá dá tuō
( 1791 - 1865) گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1822)، پادىشاھلىقنىڭ باش ۋەزىرى (1833، 1841، 1844، 1854 - 1855). 1821 - 1829-يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى. يېڭىدىن گۈللەنگەن قانال ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن. 1821-يىلىدىن ئىلگىرى ۋالاخىيەدىكى قانال ئاپپاراتىدا خىزمەت قىلغان. 1821-يىلى 8-ئايدا غەربىي گرېتسىيىدە كېڭەش پالاتانىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ ئىنقىلابىي بازىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، مىللىي كېڭەشتىكى پومېشچىك ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ بولۇپمنۇ سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە ئەنگلىيە پەرەس فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، كاپودسترىيە باشچىلىقىدىكى روسىيە پەرەسلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. باش ۋەزىر بولغان ۋاقتىدا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى قۇۋۋەتلەپ، ئالدى بىلەن ئىچكى سىياسەتنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىش، ئاندىن سىرتقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.