Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماتۇرا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماتۇرا دۆلىتىنىڭ پايتەختى. ئۇ ھازىرقى ھىندىستاننىڭ شىمالىي شتاتىدىكى جۇمنا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. قەدىمدىن بۇيان، بۇددا دىنى، جانسىم دىنى، ھىندىستان دىنى ئەۋج ئالغان. شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن كونا خارابىلەر بولۇپ، كۆپ يادىكارلىقلار تېپىلغان. بۇ يادىكارلىقلار ئوغرىلىقچە ئوغرىلانغان. خارابىلەرنىڭ كۆلىمى نامەلۇم. گۇپتا خاندانلىقىدا سامۇدراگۇپتا تەختتىكى چاغدا ھىندىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئىگە بولغان. ئۇ ئەسلىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنى راۋاجلاندۇرغانلارنى مۇكاپاتلاپ، گاندارا بۇددا سەنئىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى سەنئەت ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ <ماتۇرا بۇددا سەنئىتى> دەپ ئاتالغان. ھەيكەلتىراشلىقتا قىزىل قۇمتاش ئىشلىتىشنى ئۆز ئالاھىدىلىكى قىلغان. ئويما بۇددا ھەيكەللىرى خۇددى ھۆل نېپىز كىيىمدىن بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك بولۇپ، كىيىمنىڭ سىزىقچىلىرى نەپىس ۋە تەكشى بولغان. گۇپتا دەۋرىدىن كېيىن ھەيكەلتىراشلىق ئىشلىرى تېزلا خارابلىشىپ كەتكەن.