Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماتياس ھوللوس
دۇنيا تارىخى
(1440 - 1490) ۋىنگرىيە كورۇلى (1458 - 1490). ھونيادىنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك فېئوداللار ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرىغا تايىنىپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى ۋە قانۇن - تۈزۈم، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان، دائىملىق ئارمىيە بەرپا قىلغان.قىسمەن ئاقسۆڭەكلەر بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، 1459 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅲ نى ۋېنگرىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە سايلىغاندا ماتياس تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 1462 - 1468 - يىللىرى، تۈركلەرنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1468 - 1487 - يىللىرى، چېخ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، موراۋىيەنى، سىلېزىيە، ۋە لائۇست (ئېلبا دەرياسى ۋە ئودىر دەرياسى ئارىلىقىدا، ھازىر دېموكراتىك گېرمانىيە تەۋەلىكىدە) نى ئىشغال قىلغان. 1485 - يىلى يەنە ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ قولىدىن ۋىئېنى تارتىۋېلىپ پايتەخت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىمنى قوللاپ، چەت ئەللىك ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، كۇتۇپخانا تەسىس قىلىپ، داشۆلەرنى قۇرغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋېنگرىيە بارا - بار ئاجىزلاشقان.