Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماتتېۋ
دۇنيا تارىخى
(1200 - 1259) ئەنگلىيەلىك يىلنامە تۈزگۈچى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پارىژ داشۆسىدە ئۇقۇغانلىقتىن <پارىژدىكى ماتتېۋ> دەپ ئاتالغانىكەن. 1217 - يىلى سانت ئابانس (ھازىرقى لوندوننىڭ غەربىي - شىمالى) دىكى موناستىرغا كىرىپ، موناخ بولغان. 1236 - يىلدىن باشلاپ، مەزكۇر موناستىردىكى يىلنامە تۈزگۈچى روگېر (ۋېندوۋېردىكى)نىڭ ئورنىدا تارىخ يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ يېزىپ چىققان <چوڭ يىلنامە>دا 1066 - يىلىدىن 1259 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمى (1236 - يىلىدىن ئىلگىرىكى) مەرھۇم روگېرىنىڭ ئەسىرى ئىدى. ئىككىنچى قىسمىنى ئۇ ئۆزى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ تارىخىي ۋەقەلەردىن باشقا، ياۋرۇپا ئەللىرىدە بولغان بەزى مۇھىم ۋەقەلەرمۇ بايان قىلىنغان.