Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارشالل پىلانى
دۇنيا تارىخى
马歇尔计划
mǎ xiē ěr jì huà
يەنى بىر ئاتىلىشى <ياۋروپانىڭ قايتا گۈللىنىش لايىھىسى>. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ <ياۋروپانىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش> پىلانى. 1947-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارشالل كېمبرىچ داشۆدە سۆزلىگەن سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسېمبۇرگ، شۋېتسارىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، پورتۇگالىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە، ئىرلاندىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق 16 دۆلەت پارىژا يىغىلىش قىلىپ، ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئومۇمىي دوكلتىنى تۈزۈپ چىققان. 1948-يىل 4-ئاينىڭ 2-ۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى <ئامېرىكىنىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش قانۇنى> نى ماقۇللاپ، مەزكۇر پىلاننى قانۇنىي شەكىلگە ئىگە قىلغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىگىلىكىنى <ئەسلىگە كەلتۈرۈش> ئۈچۈن 10 مىلياردتىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدۇ؛ ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت جەزمەن مەلۇم مىقداردىكى ئامېرىكا مېلىنى سېتىۋېلىشى، چېگرا بېجى گومرىكىنى ئىمكان قەدەر تېزلىكتە بىكار قىلىشى، ئىقتىسادىي ئەھۋال توغرىسىدىكى ستاتىستىكا سانى بىلەن تەمىنلىشى، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا ياردىمىنى ئىشلىتىشكە قارىتا نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئامېرىكىغا ئۆز دۆلىتى ۋە مۇستەملىكىسىدىن چىقىدىغان ستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنى تەمىنلىشى لازىم ھەمدە ئامېرىك ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى باش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، <تەڭمۇ تەڭ فوندى> نى تىزەىنلەش، ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىيلار مەبلىغى ۋە ئېچىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاrدىن ئىبارەت. ئەنگلاىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىتتىپاق گېرمانىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپادىكى 71 دۆلەت كەينى - كەينىدىن بۇ شەرتنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالىغان.پىلاننىڭ ئەسلىدىكى قەرەلى بەش يىل (1948 - 1952) قىلىپ بېكىتىلگەن، 1951-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا مۇددەتتىن ئىلگىرى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئورنىغا <ئورتاق بىخەتەرلىك پىلانى> نى دەسسەتكەن.