Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارشالل
دۇنيا تارىخى
马歇尔
mǎ xiē ěr
(1) ئالفرېد مارشالل (1842 - 1924)، ئەنگلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. كېمبرىج ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقۇچى. 1885 - 1608-يىللارداكېمبرىج داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. تەننەرخ، قىممەت ۋە تەقسىمات مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلغان. <چەت ئۈنۈمى تەلىماتى> نى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى يېڭىۋاشتىن سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، بۇرژۇئاچە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق سىستېمىسىنى قايتا بەرپە قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن ئۇنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى چاكىنا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، <ئىزچىللىق قائىدىسى> ۋە ۋاقىت ئامىلىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ، سان ئۆزگىرىشىگە ئېتىبار بېرىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشىگە سەل قارىغان ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تەمىناتنى بەلگىلەيدۇ، چەت ئۈنۈمى قىممىتى تەلىماتى ئېھتىياجىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىغان ھەمدە مۇۋازىنەت قىممەت نەزەرىيىسى قاتارلىق تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسلىق ئەسىرى بولغان <ئىقتىساد پرىنسىپلىرى> بۇرژۇئا ئىقتىساد ساھەسىگە كەڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا <سانائەت بىلەن سودا>، <پۇل، ئىناۋەت بىلەن سودا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) جون خوبېرت مارشالل (1876 - 1958). ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگىيە ئالىمى. گرېتسىيە ۋە تۈركىيىلەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1902 - 1928-يىللاردا ھىندىستان ئارخىئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. تاكشاسىلا قاتارلىق قەدىھار قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ۋە ھىندىستاندىكى بەزى مۇھىم بۇددىزم خارابىلىرىنى قېزىپ ئېچىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە بۈگۈنكى پاكىستان تەۋەلىكىدىكى ھىندى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان موخنىجو - دارو ۋە خاراپپا قاتارلىق مەدەنىي خارابىلارنى كەڭ كۆلەمدە قېزىپ ئاچقان. ئارخېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، يەنىلا تەكشۈرگۈچى ئەمەلدار (8192 - 1931)، مەسلىھەتچى (1931 - 1934) نامىدا تەتقىق قىلىش - رەتلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ھىندىستاننىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا بىر قەدەر زور تۆھپە قوشنان. <موخىنجو، دارو ۋە ھىندى دەريا ۋادىسىنىڭ مەدەنىيىتى>، <تاكشاسىلا> ۋە <قەندىھار بۇددىزم سەنئىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) گېئورگې كاتلېت مارشالل (1880 - 1959) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى. بەش يۇلتۇزلۇق گېنېرال پولكوۋنىڭ دېموكراتلار پارىيىسىدىن. پېنسلىۋانىيە شىتاتىدىكى بىرلەشمە بازىرىدا تۇغۇلغان. 1901-يىلى ۋىرگىنىيە ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىتات ئوفېتسېرى بولغان.1924 - 1927-يىللاردا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. 1939 - 1945-يىللاردا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزەىلىدە ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئەنگلىيە - ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئاساسلىق تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. روزۋېلتقا ھەمراھ بولۇپ ھەرقايسى ئەللەر باشلىقلىرى يىغىنىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1945-يىلى پەۋقۇلئاددە ئەلچى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى <ياراشتۇرۇپ>، گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىغا مەدەت بەرگەن. 1947-يىلى دۆلىتىگە قايتقان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلدە، ياۋروپانىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەنشۈرۈشكە <ياردەم بېرىش> پىلانىنى يەنى <مارشالل پىلانى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1950 - 1951-يىللاردا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان.