Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماركوۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1875) سېربىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات، سوتسىيالىست، سىياسىي ئوبزورچى. ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بېلگرادتا ئالىي تېخنىكا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. كېيىن روسىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شۋېتسارىيىدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ روسىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتىگە پائال ئىشتىراك قىلىپ ئالاقىلىشىش ئەزاسى بولغان. 1870-يىلى يازدا سېربىيىگە قايتىپ كېلىپ ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ياشلار جەمئىيىتىنى ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيىگە ئۆزەەرتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلغان. 1871-يىلى 6-ئايدا، تۇنجى سوتسىيالىسىستىك گېزىت - <غەمخورلۇق> نى تارقىتىپ، پارىژ كوممۇنىسى ۋە كوممۇنىنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ماقالىلەرنى باسقان. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا گېزىت پېچەتلىنىپ، نوۋى ساد ۋە كراگۇيېۋاسقا كۆچۈپ بېرىپ، داۋاملىق گېزىت چىقارغان. كېيىن رىياسىتىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <ئىلىم ۋە تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك فاڭجېن>، <سوتسىيالىزممۇ ياكى جەمئىيەت مەسىلىسىمۇ> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.