Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماركوپولو
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1254 - 1324) ئىتالىيىلىك ساياھەتچى، ۋېنېتسىيىلىك سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1271-يىلى 11-ئايلاردا ئاتىسى ۋە تاغىسى بىلەن بىللە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ياقىسىدىكى ئاكرې شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ئاناتولىيە، مېسوپوتامىيە ۋادىسى، پرىسىيە، ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، پامىر ئېگىزلىكى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە چۆل - جەزىرىلەر ئارقىلىق 1275-يىلى 5-ئايدا جۇڭەونىڭ پايتەختى ئۈستۈنبالىقا (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى دولون ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) كېلىپ، يۇەنشىزۇ - قۇبلاينىڭ ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولۇپ، بەك ياخشى مۇئامىلىگە ئىگە بولغان ئۇ يۇەن سۇلالىسىدە ئىلگىرى -كېيىن 17 يىل ئەمەلدار بولغان. ماركوپولو پايتەخت خانبالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى) تۇرغاندىن باشقا خاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن باشقا ئۆلكىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرغان. شىنجاڭ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، سىچۇەن، يۈننەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ ۋە فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا بارغان ھەمدە ئەلچى بولۇپ بېرما، مالاي تاقىم ئاراللىرىغىمۇ بارغان. كېيىن ئېلىكخان خانلىقىنىڭ خانى ئارغۇن خان - يۇەن سۇلالىسى جەمەتى بىلەن تويلىشىشنىتەلەپ قىلغاندا، ماركوپولو يارلىققا بىنائەن مەلىكە قەقەچېننى مۇھاپىزەت قىلىپ، 1292-يىلنىڭ باشلىرىدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۇەنجۇ دېگەن يېرىدە يولغا چىقىپ، ياۋا، سۇماترا ئارقىلىق ھىندى ئوكياندىن ئۆلتۈپ پرىسيىگە بارغان. ئۇ چاغدا ئارغۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قەقەچېن يەنىلا ئارغۇننىڭ ئوغلى غازاننىڭ خانىشى قىلىپ بېكىتىلگەن. ماركوپولو غەربكە قاراپ داۋاملىق سەپەر قىلىپ، 1295-يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋېنېتسىيىگە يېتىپ بارغان. 1298-يىلى ۋېنېتسىيە بىلەن گېنويە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇ، گۇندىخانىدا شەرققە قىلغان ساياھىتىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەرەەن. تۈرمىدىشى رۇستىچىئانو ئۇنى خاتىرىلىۋېلىپ كىتاب قىلىپ چىققان. <ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى> (يەنى شەرق خاتىرىلىرى) دېگەن مەشھۇر كىتاب ئەنە شۇ. بۇ كىتابتا مەملىكىتىمىزنىڭ باي - ئاۋاتلىقى بايان قىلىنغان. 1299-يىلى ئازاد قىلىنىپ ۋېنىتسىيىگە قايتىپ بارغان. ئۇنىڭ كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى نەمەلۇم. <ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى> كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان ھەمدە كېيىنكى يېڭى قاتناش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.