Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماكسىمىئانۇس
دۇنيا تارىخى
(310 - ؟) قەدىمكى رىم پادىشاھى (286 - 305). پاننونىيىدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان. دىئوكلېتىئانۇسنىڭ قوشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەندە، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن. دىئوكلېتىئانۇس تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، مىلادى 528-يىلى شېرىك ھۆكۈمرانلىققا سايلىنىپ، <كائېسار> دەپ ئاتالغان؛ ياندۇرقى يىلى <ئاۋگۇست> لىققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ غەربىي يېرىم قىسمىنى ئىدارە قىلغان، ئۇنىڭ ياردەمچىسى (كائېسار) كونستانتىئۇس ئىدى. ئۇ قوشۇن باشلاپ گاللىيىدە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى) قوزغالغان باگاۋدا ھەرىكىتىنى باستۇرغان (286-يىلى). خرىستىئانلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان (303 - 304). ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مىلاندا تەختتىن چېكىنىپ دىئوكلېتىئانۇس بىلەن بىرلىكتە ھۆكمۈرانلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرغان. ئىككىنچى يىلى ئوغلى ماكسېنتىئۇسنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، كەينىدىنلا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان كۈيئوغلى كونستانتىئۇس (كېيىنكى كونستانتىئۇس Ⅰ) بىلەن توقۇنۇشپ قېلىپ (308-يىلى)، مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.