Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماكروفاگ
بىئولوگىيە
<زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىكى يۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى بىر خىل يۇتقۇچى ھۈجەيرە. مەسىلەن، شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى. بىر يادرولۇق، بويىلىشى قېنىق، سىتوپلازمىسى تەركىبىدە ئىشقارغا مايىل بولغان چوڭ - يىرىك دانىچىلىرى بولىدۇ. ماكروفاگلارنىڭ يۇتۇش ھادىسىسىنى ئالدى بىلەن رۇسىيە ئېمبرىئولوگلىرى بايقىغان ھەمدە بۇنداق ھۈجەيرىلەرنى ھەم مۇشۇنداق رولغا ئىگە بولغان لىمفا توقۇلمىلىرى، يىلىك توقۇلمىسى ۋە تال توقۇلمىلىرىدىكى يۇتۇچان تورسىمان ھۈجەيرە قاتارلىقلارنى ئوخشاش بىر فىزىئولوگىيىلىك تىپتىكى ھۈجەيرىلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. ھەمدە <ماكروفاگ سىستېمىسى> دەپ ئاتاپ بۇ سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى قوغداش جەھەتتىكى غايەت زور رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) تۇراقلىق ماكروفاگلار. ئەركىن ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، مەسىلەن، جىگەردىكى كوپفېر ھۈجەيرىسى، بۆرەك، لىمفا توقۇلمىسى، يىلىك ھەم باشقا توقۇلمىلاردىكى ھەرىكەتلەنمەيدىغان بىر يادرولۇق ماكروفاگلار؛ (2) ھەرىكەتلىنىدىغان ماكروفاگلار، ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، مەسىلەن، بىر يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىلىرى (دانىچىلىرى) دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ماكروفاگلار غىدىقلىغۇچى فاكتورنىڭ رولى ئاستىدا شەكىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىپ قان تومۇرىدىن چىقىپ ھۈجەيرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقى، ئۆپكە پۈۋەكچىسى، قورساق پەردىسى ھەم ياللۇغلانغان ئورۇنلارغا كىرىدۇ، باكېرىيىلەرنى يۇيۇپ ھەزىم قىلىۋېتىدۇ ھەم كېرەكسىز ماددا ۋە غەيرىي ماددىلارنى تازىلايدۇ ۋە باشقىلار. ماكروفاگ سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمدىكى پائالىيىتى مەركىزىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ تەڭشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ خىزمەت ھالىتى ماكروفاگلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.