Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماكېدونلار
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەر马其顿人
mǎ qí dùn rén
ماكېدونلار ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 700 مڭدىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ 1 مىليون 340 مىڭى ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، ماكېدونلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيە، ئالبانىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، پولشا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىمۇ نەچچە يۈز مىڭ ماكېدون بار.
ماكېدونلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە ماكېدون تىلىنى قوللىنىدۇ. سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ماكېدونلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ماكېدونلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچلىقتا كۆممىقوناق، بۇغداي، تاماكا، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، چارۋىچىلقى قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
ماكېدونلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاساسەن قەدىمكى ماكېدونلار بىلەن Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن سىلاۋيانلار ھەمدە يەرلىك رىملاشقان ئېللىرىئانلار، فراكىيىلىكلەر ۋە گرېكلار قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما قان مىللەت.
ماكېدونلارنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە يازلىق يىغىمدىن ئاۋۋال ئۆتكۈزىلىدۇ، چۈنكى ماكېدونلارنىڭ ئادىتى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىچ كەتكەن ماكېدونلارنىڭ ھەممىسى يازلىق يىغىمدىن ئاۋۋال يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولىدۇ، شۇڭا يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسى يازلىق يىغىمدىن ئاۋۋالقى مەلۇم بىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەممە ئائىلىلەرگە پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلىدۇ، ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن يولۇچىلار كىرىپ، بىر رۇمكا توي ھارىقىنى ئىچىپ، <كورۇ> ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىپ، بىر جۈپ قىز - يىگىتكە بەخت تىلەيدۇ.
ماكېدونلارنىڭ پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش روژدېستۋو، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
ماكېدونلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. ماكېسونلارنىڭ توي - تۆكۈن ۋە ھېيت - بايراملىرىنىڭ ھەننىۋاسى ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى - <كورۇ> دن ئايرىلمايدۇ.
تارىخ
马其顿人
mǎ qí dùn rén
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.