Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماكېدونىيە - ئادرىيانوپولىس ئىچكى ئىنقىلابى تەشكىلاتى
دۇنيا تارىخى
马斯一亚得里亚-堡内部革命组织
mǎ sī yī yà dé lǐ yà -bǎo nèi bù gé mìng zǔ zhī
ئەسىرنىڭ ئاخىر ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ماكېدونىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى مىلىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاtى. 1893-يىلنىڭ ئاخرى سالونىكا (رېسىنا دېگۈچىلەرمۇ بار) دىكى د. گرېۋ قاتارلىق كىشىلەر قۇرغان. ئەڭ دەسلەپ ماكېدونىيە ئىنقىلابىي تەشكىلات< دەپ ئاتالغان. 1905-يىلدىن كېيىن >ئىچكى ئىنقىلابى تەشكىلات< دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ماكېدونىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. شەھەر ۋە يېزىلاردا قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ تۈركىيىنىڭ جازا ئەترەتلىرىگە زەربە بەرگەن. 1898 - 1903-يىللاردا قەمئىي 130 قېتىم جەڭ قىلغان. 1903-يىلى 8-ئايدا يەنە ئىلىندون قوزغىلىڭى ۋە پرېئوبراژېخنې قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. لېكىن ھەممىسىلا مەغلۇپ بولغان. 1906 - 1908-يىللىرى ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن. يا. ساندانسكىي باشچىلىقىدىكى سول قانات 1908-يىلى 8-ئايدا خەلق ئىتتىپاقى پارتىيىسى قۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزەىلىدە، ئالېكساندىر پورتوگېروۋ باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىلەر ئاشكارا ھالدا بۈيۈك بۇلغارىيە شوۋىنىزمى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاtنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ماكېدونىيە ئىنقىلابى تەشكىلاتى ئېلىپ، ماكېدونىيە مىللىي ھەرىكىتى يەنىمۇ پارچىلىنىپ كەتكەن.