Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماكاتۇر
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1964) ئامېرىكىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنېرال پولكوۋنىكى 1903-يىلى ۋېستپونت ھەربىي مەكتىپىنى تۈگىتىپ، فىلىپپىن، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدە ئۇرۇش قىلغان. كېيىن ۋېستپونت ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. فىلىپپىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ۋە ئامېرىكىدىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان ئىشسىز قالغان ھەربىيلەرنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرۇش بىلەن نام چىقارغان. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن يىراق شەرقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ موماندانى بولغان، كېيىن ئاۋسترالىيىگە چېكىنىپ بېرىپ، غەربىي جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. يېڭى گۋىنىيە ئۇرۇشى ۋە فىلىپپىن جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، 1944-يىلى بەش يۇلتۇزلۇق گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1950-يىلى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى پىلانلاش ۋە قوماندانلىق قىلىشقا قاتنىشىپ <ب د ت ئارمىيىسى> نىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگوغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1951-يىلى 4-ئايدا چاۋشيەندىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئامېرىكىغا قايتقان. 1952-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن بىر كارخانا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.