Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماكارنېي
دۇنيا تارىخى
()1737 - 1806( ئەنگلاخيىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى. لورد. 1764-يىلى روسىيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈش ئىشىنى كېڭەشكەن. 1780-يىلى مادراسنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1793-يىلى جۇڭگوغا ئەلچى بولۇپ بارغان. نامدا چيەن لۇڭ پادىشاھنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بولسىمۇ، ماھىيەتتە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سودا پروتىنى كۆپەيتىش، تاموژنا بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىجارە زېمىن تەسىس قىلىشقا يول قويۇش ھەمدە جۇيڭگودا دائىمىي تۇرۇشلۇق كونسۇل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كېيىن يەنە ئىتالىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان ھەمدە 1796-يىلى كاپې ئوفگود خوپېغا باش ۋالىي بولغان.