Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماگنۇس
دۇنيا تارىخى
(1316 - 1374) شۋېتسىيە فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى. 1319-يىلى قېيىن ئاتسىغا ۋارىسلىق قىلىپ نورۋىگىيىنىڭ كورۇلى بولغان (1319 - 1343). يەنە شۋېتسىيە كورۇللىقىغا سايلانغان (1319 - 1365). 1332-يىلى سكانې ۋە بلېڭې كورۇلى بولغان. تەختتە تۇرغان ۋاقتىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۋېتسىيىنىڭ تۇنجى قانۇنىنى، يەنى <ماگنۇس ئېرىكسون قانۇنى> نى تۈزۈپ چىققان (<لاندىسلاگ>غا قاراڭ). 1343-يىلى ئوغلى ھاكاننى نورۋېگىيە كورۇلى قىلىپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان (1343 - 1355). 1363-يىلى كۈزدە كىچىك ئالبىرت تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلان چىقىرىلغان. 1365-يىلدىكى جەڭدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئالتە يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، نورۋېگىيىگە بېرىپ ئوغلى ھاكان بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.