Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماگادا
دۇنيا تارىخى
ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە گۈللەنگەن. ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە دەسلەپتە بۈگۈنكى بىخار شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بولغان. پادىشاھ بىمبىسارا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا پايتەختى راجاگرىخا بولۇپ، دۆلىتى كۈنسايىن راۋاج تاپقان. ئاجاتاساترو ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزى تەختكە چىققاندىن كېيىن، سىرتقا پائال كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ۋاججى جۇمھۇرىيىتىنى بويسۇندۇرۇپ، شەرقىي ھىندىستان بەگلىكلىرىدە زومىگەر بولۇۋالغان. ئاجاتاساترۇ كېيىن پايتەختىنى پاتالىپۇتراغا كۆچۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 462 - 430-يىل ئىلگىرى تەختكە چىققان تۆت پادىشاھنىڭ ھەممىسى ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىقىۋالغان. ئاخىرقى پادىشاھ ناگاداساكنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ۋەزىر شىسۇناجا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پادىشاھنىڭ ئورنىغا (تەخمىنەن مىلادىدىن 430 يىل ئىلگىرى) چىقىۋالغان. بۇ چاغدا، ئابەنتى، كاسسى، ۋاسا ۋە كاسالا بويسۇندۇرۇلغان، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىسۇناجانىڭ ۋارىسى كالاسوكا دەۋرىدە، بۇددا مۇرىتلىرى ۋايسالى شەھىرىدە 2-قېتىملىق بۇددا نوملىرىنى يىغىشنى ئېلىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 364 يىل ئىلگىرى تۆۋەن قاتلامدىن (ساتىراشلىقتىن) كېلىپ چىققان ماخاپادماناندا كالاسوكانى ئۆلتۈرۈپ ناندا خاندانلىقىنى قۇرغان. گانگې دەريا ۋادىسى شۇنىڭ بىلەن پەيدىنپەي بىرلىككە كەلگەن. ماۋۇريا خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدا بۇ بەگلىك تەرققىي قىلىپ ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى (ياكى <ماگادا ئىمپېرىيىسى> دەپ ئاتىلىدۇ) بولغان، ئۇنىڭ پايتەختى پاتالىپۇترا جەنۇىي قىسمىدىكى مەيسور رايونىدىن باشقا، پۈتكۈل جەنۇبىيئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقى ۋە بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى ئىمپېرىيە زېمىنىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ چاغ قەدىمكى ھىندىستاننىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى بولغان. سۇنگا خاندانلىقى ۋە كانۋا خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا كۈچى ئاجىزلىشىپ، زېمىنى ئازاىيىپ، گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىلا قېپقالغان. ئاخىرى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ئاندرا دۆلىتى تەرىپىدىن مۇنەرز قىلىنغان. كانۋا خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن تاتىپ مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە گۇپتا خاندانلىقى قۇرۇلغانغىچە بولغان 350 يىل داۋامىدا، ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بىلگەنلىرى ئىنتايىن ئاز. گۇپتا خاندانلىقىدىن كېيىن بارا - بارا مۇھىم بولماي قالغان. ئۇ بۇددا دىنىنىڭ مەنبەسى ۋە ھىندىستاندىكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان. جۇڭگولۇق راھىب فشيەن ۋە شۈەنزاڭ قاتارلىقلار ھىندىستاندا تۇرغان چاغدا ئۇ يەرگىمۇ بارغان.