Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
路易十八
دۇنيا تارىخى
لۇئى ⅧⅩ
(1755 - 1824) فرانسىيە كورۇلى (1814 - 1824)، لۇئى ⅥⅩ نىڭ ئۇكىسى، ئەسلىدە پروۋېنتىسې گرافى دەپ ئاتالغان. 1791 - يىلى 6 - ئايدا بريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن، كېيىن كۇبلېنزغا بېرىپ، قاچاقلارنىڭ سەردارى بولغان. لۇئى ⅥⅩ 1793 - يىلى 1 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جىيەنىنى لۇئى ⅦⅩ دەپ ئاتاپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان، 1795 - يىلى جيەنى ئۆلگەندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئۆزىنى لۇئى ⅧⅩ دەپ ئاتىغان. 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ناپولېئونغا خەت ئەۋەتىپ، دۆلىتىگە قايتىشنى ۋە بوربون سۇلالىسىنى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. 1814 - يىلى 4 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى <1814 - يىلىدىكى ئاساسىي نىزام>نى ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك سۇلالىسى مەزگىلىدە، يەنە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1815 - يىلى ۋاتېرلوئو جېڭىدىن كېيىن، فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا يەنە پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كورۇللۇق تەختىگە قايتا چىققان ھەمدە <بىردىنبىر پارلامېنت> قۇرۇپ، ئاق تېررورلۇق يۈرگۈزگەن. 1818 - يىلى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1823 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئىسپانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.