Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
路易. 勃朗
دۇنيا تارىخى
لۇئى بلانك
(1811 - 1882)، فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىستى، مۇخبىر، تارىخشۇناس. مادرېدتا تۇغۇلغان. دادىسى ئىسپانىيە كۇرۇلى يوسېف بوناپارتنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان. بىرىنچى ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئالاستا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1834 - يىلى پارىژغا كېلىپ مۇخبىر بولۇپ، ھەرخىل گېزىت - ژورناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان، 1839 - يىلى <تەرەققىيپەرۋەر ئوبزور> نى تەسىس قىلغان. 1843 - 1847 - يىللاردا <ئىسلاھات گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ۋە <ليۇكسېمبۇرگ كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، مىللىي ئىشخانا> تەرغىپ قىلىپ، ئەمگەك بىلەن كاپىتال زىددىيىتىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، كېيىن ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ، تارىخىي ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1870 - يىلى 9 - ئايدا ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، بىر تەرەپتىن پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلىسە يەنە بىر تەرەپتىن ۋېرسال ھۆكۈمتىنىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1876 - 1882 - يىللاردا يەنە پارلامېنت ئەزاسى بولغان بولسىمۇ، ئاكتىپ رول ئوينىمىغان. زورلۇق كۈچ بىلەن بولىدىغان ئىنقىلاب ۋە سىنىپىي كۈرەشكە، بۇرژۇئازىيىنى مەھرۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تىنچ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە بۇرژۇئازىيە ئىشچىلارغا ياردەملىشىپ <ئەمگەكنى تەشكىللەش>، <ئون يىللىق تارىخ>، <فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.