Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېتۋېتوندارا
دۇنيا تارىخى
(1727 - 1824). بىرما يىڭجيا سۇلالىسىدە ئۆتكەن قانۇنشۇناس، ئەدىب. پادىشاھ يىڭجىياغا ۋەزىر بولغان، بوگۇ قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1763 - يىلى جېشا ناھىيىسىدىكى مېزا تېغىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ يەردە ئاتاقلىق <مېزادىكى سېغىنىش> دېگەن شېئىرنى يازغاندىن كېيىن، پادىشاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىپ، قايتۇرۇپ كېلىنگەن. كېيىن ئىزچىل ھالدا باش سودىيىلكنى ئۆتىگەن. ئەسەرلىرىدىن <ۋېنىزايىپو جاتانى قانۇنى> قاتارلىقلار بار.